عربيEnglish

The Noble Qur'an Encyclopedia

Towards providing reliable exegeses and translations of the meanings of the Noble Qur'an in the world languages

The tidings [An-Naba] - Uyghur translation - Sh. Muhammad Saleh

Surah The tidings [An-Naba] Ayah 40 Location Maccah Number 78

(مۇشرىكلار ئۆزئارا نېمە توغرۇلۇق) سورىشىدۇ؟[1]

ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر (يەنى قىيامەت توغرۇلۇق) سورىشىدۇ[2].

ئۇلار شۇ (يەنى قىيامەت) توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر[3].

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (قىيامەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك يالغان ئەمەس)، ئۇلار (ھەقىقىي ئەھۋالنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ[4].

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (بېشىغا كەلگەن ئازابنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ[5].

(زېمىننىڭ ئۈستىدە مۇقىملىشىشىڭلار ۋە كەڭ تۈزلەڭلىكلەرگە زىرائەت تېرىپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن) زېمىننى بىسات قىلمىدۇقمۇ؟[6]

(زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟[7]

سىلەرنى ئەر ـ ئايال قىلىپ ياراتتۇق[8].

ئۇيقۇنى سىلەرنىڭ (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدۇق[9].

كۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق[11].

ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلدۇق[12].

(سىلەر ئۈچۈن) يېنىپ تۇرغان چىراغنى (قۇياشنى) ياراتتۇق[13].

ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق[14ـ16].

ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق[14ـ16].

ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق[14ـ16].

قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن (مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش) ۋاقتىدۇر[17].

ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ، سىلەر توپ ـ توپ بولۇپ كېلىسىلەر[18].

ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ[19].

تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەرابتەك بولۇپ قالىدۇ (يەنى تاغلار توزۇپ يىراقتىن قارىغۇچىغا سۇدەك تۇيۇلىدۇ)[20].

جەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ[21].

جەھەننەم، شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر[22].

ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ[23].

ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يىنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ[24].

ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ[25].

بۇ ئۇلارغا بېرىلىدىغان مۇۋاپىق جازادۇر. [26]

چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشتىن قورقمايتتى[27]

ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى[28].

ھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويغان ئىدۇق[29].

(ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز»[30].

شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار نېمەتكە ئېرىشىدۇ[31].

(ئۇ نېمەت) باغلار، ئۈزۈملەردۇر[32].

تەڭتۇش قىزلاردۇر[33].

(شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملاردۇر[34].

ئۇلار جەننەتتە يالغان سۆز، بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ[35].

(ئەنە شۇلار) پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەرگەن مۇكاپاتى، يېتەرلىك ئاتاسىدۇر[36].

ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر. (ئۇ كۈندە ھېچ كىشى) ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ[37].

جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، ئۇلار(نىڭ ئارىسىدا) مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەن ۋە توغرا سۆزنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچ ئەھەدىنىڭ سۆز قىلىشىغا بولمايدۇ[38].

ئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. كىمكى (ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەل بىلەن) پەرۋەردىگارىغا قايتىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا (تۇتسۇن)[39].

بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دەيدۇ[40].