The Noble Qur'an Encyclopedia
Towards providing reliable exegeses and translations of the meanings of the Noble Qur'an in the world languagesThe Fig [At-Tin] - Uyghur translation - Sh. Muhammad Saleh
Surah The Fig [At-Tin] Ayah 8 Location Maccah Number 95
ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى[1]،
سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى[2]،
بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى[3]،
بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق[4].
ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق[5].
پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ[6].
(ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟[7]
ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟[8]